شۇنداق بىرسىنى ساقلاۋاتىمەن

文化
百科
健康
時尚
美食
樂活
旅行
幽默
情感
體娛
美體
民生
財富
科技
創業
汽車
樓市
職場
教育
學術
企業
區塊鏈
其他
發佈時間:
免費註冊

評價高設計https://www.xinseopr.com/170864-09/20220620212839/image_0.jpg台北樹林滑套


形象顧問https://www.xinseopr.com/170864-09/20220620212839/image_1.jpg



https://www.xinseopr.com/170864-09/20220620212839/image_2.jpg


بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى 

سالونىمىزدىكى بارچە ئەزىزلەرنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى قوللاپ كەلگىنىدىن تولىمۇ مىننەتدارمىز ، نۆەتتىكى ئەسەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز
 شۇنداق بىرىنى ساقلاۋاتىمەن
ئاپتورى: ئايىشە تۇرسۇنجان قارگۈلى 
ئاۋازدا:راھىلە مۇسا چالىقۇشى

شۇنداق بىرنى ساقلاۋاتىمەن


https://www.xinseopr.com/170864-09/20220620212839/image_3.jpg

 جۇدۇنلاردا پۈكۈلدى قامچا گۈلدەك بەللىرىم، 
 ھىجرانلاردا قاغجىراپ بولدى چاك-چاك لەۋلىرىم، 
 ئۇچالمىدىم پالاقلاپ كېسىلگەچكە پەيلىرىم، 
 تاشقىن بولۇپ ئىچىمدە تارتقان كۈلپەت غەملىرىم. 

 سۆيۈپتىمەن ئايرىماي ياخشى بىلەن ياماننى، 
 تىلى ھەسەل ۋاپاسىز دىلى زەھەر چاياننى، 
 چەشلەپتىمەن خامانغا دانمىكىن دەپ ساماننى، 
 يىرتىقمىدۇ ئەرلەرنى تاسقايدىغان غەلۋىرىم؟

 ئالاي دېسە ئالدىراپ تەگسەم تېگەي دەپتىمەن، 
 چىدىيالماي ئۆيىگە كۈندە ئىزدەپ كەپتىمەن، 
 ئەمدى بىلسەم ئۆمۈرلۈك پۇشايماننى يەپتىمەن، 
 بولدى نىمكەش خوتۇن دەپ ھەر تەرەپتە گەپلىرىم. 

 ئىككى ھەپتە ئۆي تۇتۇپ بېرىۋەتتى خېتىمنى، 
 ئەسلى كەلگەن يېرىمگە توغرىلىدى خېيىمنى، 
 يىغلاپ تۇرۇپ يېلىنسەم ئاڭلىمىدى گېپىمنى، 
 يىقىلغاندەك ئاسماندىن بولدى چۇل- چۇل تەنلىرىم. 

 يۈرەي دېدىم چىرايلىق كىيىپ باقتىم كىيىمنى، 
 ياراشتۇرۇپ يۈزۈمگە قىلىپ باقتىم گىرىمنى، 
 ئۆزۈم بىلگەن سەنەمگە تاراڭلىتىپ دېپىمنى، 
 ياشلىرىمنى ئاققۇزدى ھەر سەھنىدە رەپلىرىم. 

 خوپ! بولدى دەپ بەزىلەر يولۇقمىدى يېنىمغا، 
 كۈتكىنىمدە تەسەللىي ئازار بەردى دىلىمغا، 
 ئېچىشسۇن دەپ يۈرىكى تىكەن تېرىپ سېيىمغا، 
 قىلدى ئاچچىق ئاھانەت شۇنچە يېقىن سەپلىرىم. 

 چۆلدە دەرمان بىھۇشتۇر باستىم يالغۇز سەپەرنى، 
 داۋانلارغا يامىشىپ كېچىپ مۈشكۈل خەتەرنى، 
 قىممىتىمنى يوقاتتىم تاشقا ئۇرۇپ گۆھەرنى، 
 بولدى ئالقىش توختىماي ئۆز ئۆزۈمگە«خەپ»لىرىم. 

 بار ئىكەن بۇ ھاياتنىڭ ھەر خىل قىسمەت بەرمىكى، 
 كالا كۆرگەن كۈلپەتنىڭ موزايغىمۇ كەلمىكى، 
 بەزى ئاچچىق بولاركەن چاينىڭ دورا- دەرمىكى، 
 تېتىمىدى ئېغىزغا سالغان ناۋات- قەنلىرىم. 

 باققان ئاتا- ئانامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماي، 
 شلىتىڭ ئېتىپ ئالدىدا ئۆز- ئۆزۈمنى چاغلىماي، 
 تاپقان يايرىم خار قىلىپ ئالتە كۈنگە پايلىماي، 
 داغدا قويۇپ ئۆمۈرلۈك بولدى شۇنداق تەقدىرىم. 

 توي قىلمىغان تەڭتۈشلەر مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار، 
 كۆڭۈل بەرمەي ئالدىراپ ۋاپادارنى تېپىڭلار، 
 بىر كۈنلەردە مېنىڭدەك تۆكۈلمىسۇن يېشىڭلار، 
 ئەمدى مېنى رەنجىتىپ تىللىماڭلار ئەپلىرىم. 

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى باغراش 
-----





بارچە ئەزىزلەرنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى قوللاپ كەلگىنىدىن تولىمۇ مىننەتدارمىز ، نۆەتتىكى ئەسەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز




   https://www.xinseopr.com/170864-09/20220620212839/image_4.jpg


我要詢價

相關內容

分類一覽

文化
百科
健康
時尚
美食
樂活
旅行
幽默
情感
體娛
美體
民生
財富
科技
創業
汽車
樓市
職場
教育
學術
企業
區塊鏈
其他

網網相連

科技
紅豆 車輪蛋糕
新昇汽車科技股份有限公司
宏昌通信器材行
其他
皇家御品珍珠粉
其他
其他
垂直運動工作室
潤滑油品買賣
故鄉市場調查股份有限公司
花蓮米棧野生種紫米花青素米專賣店
雅集三義行